خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كېلەر يىللىق «گۈللىنىشى» توغرىسىدا گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا
2023.12.14
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان «مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى» 12-دېكابىر كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، يىغىندا 2024-يىلىغا قارىتا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى بەش پىرسەنتلىك ئۆسۈش سەۋىيەسىدە ساقلاپ قېلىش نىشان قىلىنغان.
ئەمما CNN نىڭ 14-دېكابىردىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ قانچىلىك ئارزۇ قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۇنچە زور ساندا ئېشىشىغا قارىتا كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ توسقۇنلۇقىنى پەيدا قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يىغىندا «ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نىڭ نۆۋەتتىكى مەركىزىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما نۆۋەتتىكى خىتاي جەمئىيىتىدە بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقان ئىستېمال سەۋىيەسى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆز بولمىغان.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى ئومۇمىي ئىستېمال مەيلى كۆلەم ياكى مىقدار جەھەتتە ئالدىنقى يىلدىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇنىڭدا كۆپ خىل سەۋەبلەر ھەمدە كەلگۈسىدە نېمە بولۇش ھەققىدىكى تۈرلۈك گۇمانلار مەۋجۇت بولۇپ، نۆۋەتتە ئىچكى ئېھتىياجنىڭ كۆپەيمەسلىكى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل خەجلەشتىن ئېھتىيات قىلىشى ئەڭ تىپىك سەۋەبلەردىن بولۇپ قالغان. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ «پاراۋۇزى» دەپ قارىلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر قولىدىكى پۇللىرىنى بانكىدا ساقلاشقا بەكرەك مايىل بولۇشقا يۈزلەنگەن. HSBC بانكىسىنىڭ مالىيە ئانالىزچىسى لارىي خۇ (Larry Hu) بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاينىڭ ھازىر زور كۆلەملىك ئىستېمالنى قوللاش ياكى خۇسۇسىي كىرىمنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىرەر ئەمىلى تەدبىرى يوق. بۇنداق ئەھۋالدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى قىيىن» دېگەن.
«بازار» گېزىتىنىڭ 13-دېكابىردىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ بانكا سىستېمىسىمۇ زور سۈرئەتتە تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، 2024-يىلى خىتاي ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ئاز دېگەندىمۇ تۆت تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مەبلەغنىڭ «پارغا ئايلىنىپ كېتىشى» گە دۇچ كېلىدىكەن.