ياۋروپا كومىسسىيەسى خىتاينىڭ ئۆز توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قويۇلغان باجنى تۆۋەنلىتىشكە دائىر تەكلىپىنى رەت قىلغان
2024.09.12
ياۋروپا كومىسسىيەسى خىتاينىڭ ئۆز توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن سۇنغان ئەڭ تۆۋەن باھا ياكى ھەجىم چەكلىمىسى بەلگىلەش تەكلىپىنى رەت قىلغان.
«پولىتكو» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قويغان ئېغىر باج يۈكىدىن قۇتۇلماقچى بولغان، بىراق ياۋروپا كومىسسىيەسى خىتاي سۇنغان تەكلىپنى رەت قىلغان.
ياۋروپا كومىسسىيەسى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ لىتىي پىششىقلاپ ئىشلەشتىن تارتىپ ماشىنىلارنى چەت ئەلگە توشۇشقىچە بولغان بارلىق جەرياندا دۆلەتنىڭ تولۇقلىما ياردىمى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان بولغاچقا، خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا ئېغىر باج قويغان ئىدى.
پولىتكونىڭ دېيىشىچە، ياۋروپا سودا باياناتچىسى ئولوف گىل (Olof Gill) 12-سېنتەبىر كۈنىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «كومىسسىيە خىتاينىڭ تەكلىپىنى بىز ئېنىقلاپ چىققان تولۇقلىما ياردەمنىڭ زىيانلىق تەسىرى يوقىتىلدىمۇ؟ ئۇنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش جەھەتتە بىر نەتىجە ھاسىل قىلدىمۇ-يوق، دېگەن ئاساستا قاراپ چىقتى. بىراق كومىسسىيەمىز بىزگە سۇنۇلغان تەكلىپلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تەلەپلىرىمىزگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياۋروپا كومىسسىيەسى خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ 19-سېنتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن بۇ باجغا ئائىت مەسىلىلەردە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارماقچىكەن. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا باشلىقى ۋالدىس دومبروۋىسكىس (Valdis Dombrovskis) بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ ئادىل بولمىغان رىقابەت ئارقىلىق ئىشلەپچىقار ئەرزان باھالىق توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىنى ئىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئاپتوموبىللارغا % 7.8 تىن% 35.3 كىچە باج قويغانىدى. خىتاي بولسا ياۋروپانىڭ بۇ باجنى بىكار قىلىشىنى ياكى تۆۋەنلىتىشىنى تەلەپ قىلماقتىكەن.