خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى ئۆمىكى باشقا دۆلەت ۋەكىللىرىنى خىتاينىڭ جىنايىتى ھەققىدىكى يىغىنغا قاتناشماسلىققا چاقىرغان
2023.09.18
ئامېرىكادا چىقىدىغان «دۆلەت ئوبزورى» ژۇرنىلىنىڭ 15-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئۆمىكى ئالدىنقى ھەپتە مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆمىكىگە مەخپىي خەت يېزىپ، بۇ ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلەر ھەققىدىكى يىغىننىڭ مۇنازىرىسىگە قاتناشماسلىققا ئۈندىگەن.
خىتاي ۋەكىللىرى ئۆمىكى يوللىغان بۇ خەتتە، خىتاينىڭ ئۆز جىنايىتىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ بۇ جىنايەتكە كۆز يۇمۇشقا ئۈندەيدىغان ئىبارىلەر يەر ئالغان. مەزكۇر خەتتە ئېنىق قىلىپ، «بىز بۇ ئىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى ‹شەرەپ بىلەن› بىلدۈرىمىز، شۇنداقلا سىلەرنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىڭلارنىمۇ خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز» دېيىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرگە يوللانغان بۇ خەت خىتاي بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان ئاسىيا-ئافرىقا، ئەرەب دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلىگەن بىلەن، دېموكراتىيە ۋە ئادالەتنى ياقلايدىغان غەرب دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى قايتا ئەيىبلىشىنى توسۇپ قالالمايدىكەن.
بۇ يىغىندا ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى ئەلچىسى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەتلەر ئارا تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئاساسلىق پىكىر بايان قىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا باش شىتابى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «ئاتلانتىك كېڭىشى ئاقىللار مەركىزى» نىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىلىرىمۇ سۆز قىلىدىكەن.