«خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى» بېيجىڭدا باشلانغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.05.30

ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئۇرۇشى كەسكىنلىشىپ، ئوتتۇرا شەرقتە ۋەزىيەت جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يىغىن چاقىرىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، «خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى» 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىۋاسىتە قاتناشقان ھەم ئېچىلىش سۆزى قىلغان.

شى جىنپىڭ يىغىندىكى سۆزىدە پەلەستىن مەسىلىسىنى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ، پەلەستىندىكى ئۇرۇشنىڭ دەرھال ئاياغلىشىپ، تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ يەنە خىتاي بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئارا مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى مەدھىيەلەش بىلەن بىرگە يەنە، ئۇنى «دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان، بولۇپمۇ ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكاغا قارشى نارازىلىق كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەرەب ئەللىرى بىلەن يېقىنلىشىشى دىققەت قوزغىماقتا.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى پەلەستىندىكى بۇ توقۇنۇشنى ۋاشىنگتونغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، ئۇنى دۇنيا تەرتىپىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇۋاتقان تاجاۋۇزچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن.»

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئورتاق ھالدا «پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات» ماقۇللىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما خەۋەردە كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلىنمىغان.

بېيجىڭدىكى بۇ يىغىنغا 22 ئەرەب دۆلىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل-فاتاخ ئەل سىسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان، بەھرەيىن پادىشاھى ھاماد بىن ئىسا ئەل خەلىفە ۋە تۇنىس پىرېزىدېنتى كەيس سەيىد قاتارلىقلارمۇ دۆلەت زىيارىتى ئۈچۈن ھازىر خىتايدا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.