خىتاي ھۆكۈمىتى گوللاندىيەدىن يۇقىرى تېخنىكا چەكلىمىسى قويماسلىقنى سورىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.03.28

خىتاي سودا مىنىستىرى گوللاندىيەنىڭ مۇۋەققەت تاشقى سودا مىنىستىرى جېففرېي ۋان لىۋېن (Geoffrey van Leeuwen) بىلەن كۆرۈشكەندە ئالاھىدە قىلىپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشتا قوللىنىلىدىغان ئۆزەك تېخنىكىسىنى خىتايغا داۋاملىق سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ 27-مارت كۈنى جېففرېي ۋان لىۋېننى بېيجىڭدا كۈتۈۋالغاندا بۇ مەسىلىنى مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشتا ھەل قىلغۇچ تېخنىكىغا ئىگە بولغان گوللاندىيەنى خىتايدىن ئاجرىلىپ چىقماسلىققا دەۋەت قىلغان ھەمدە بۇنداق قىلىشنىڭ خىتايدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گوللاندىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ۋە DUV دەپ ئاتىلىدىغان لىتوگرافىك زاپچاسلارنى ياسايدىغان ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، گوللاندىيەدىكى ASML گۇرۇھى گوللاندىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى ئاۋانگارت شىركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇشىنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ قارىغاچقا، گوللاندىيەدىن لىتوگرافىك زاپچاسلارنى خىتايغا ساتماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ASML گۇرۇھى يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى بۇ ساھەدىكى ئەڭ ئىلغار دەرىجىدىن تاشقىرى زاپچاسلىرىنى خىتايغا سېتىشقا چەكلىمە قويۇپ كەلگەن بولۇپ، شىركەتنىڭ خىتايغا ئېكسپورت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشى بىلەن ئۇنىڭ بۇلتۇر خىتايدىكى سېتىش مىقدارى % 15 تۆۋەنلىگەن. خىتاي بولسا ئەقلىي تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە ماشىنا قاتارلىق مۇھىم زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردە كەم بولسا بولمايدىغان بۇ تېخنىكىنى ئۆزى ياسىيالمايدىكەن.

تاسمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات پىروفېسسورى جېيمىس چىن (James Chin) «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا» گېزىتىگە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي سودا مىنىستىرى گوللاندىيەگە ئوچۇقلا قىلىپ <ئامېرىكىغا ئەگەشمەڭلار، بىز قىممەتلىك سودا ھەمراھىڭلار بولالايمىز> دېگەن. بۇ ھال خىتاينىڭ ئۆزەك مەسىلىسىدە ناھايىتى قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي بولسا بۇ تېخنىكىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سالماقتا» دەپ كۆرسەتكەن.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.