خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا سانائىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان
2024.10.15
«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن جۈن توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن باشلاپ تەمىنلەش زەنجىرىنى قوللايدىغان بۇ يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا مەھسۇلاتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئۇ «شىنجاڭدا، يۇقىرى سۈپەتلىك پاختىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن» دېگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە باشلىغانىدى. تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانلىقىغا ئائىت كۆپلىگەن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتايدا چىقىدىغان پاختىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى مەلۇم.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك زاۋۇت-كارخانىلىرىنىڭ سانى 3725 كە يېتىپ بارغان. مەزكۇر رايوندىكى خىتاي توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ سانى 2014-يىلقىدىن 5.7 ھەسسە ئارتقان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ مەبلەغ سالغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ سانى 1350 ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرقانچە مىليون ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۇ زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.