ئامېرىكا ئىستىخبارات باش دىرېكتورى: «خىتاينىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى ئۇرۇش خەۋپىنى كۈچەيتمەكتە»
2024.03.13
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات باش دىرېكتورى ئاۋرىل ھېينېس (Avril Haines) خىتاينىڭ ئېغىر ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى ئۇنىڭ تەيۋەن ياكى رايوندىكى باش رەقىبلىرىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئاۋرىل ھېينېسنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشتا تەيۋەننى قوللانماقتا دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، تەيۋەن ھەقىقەتەن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى يوشۇرۇن توقۇنۇشنىڭ پارتلاش نۇقتىسى بولماقتا ئىكەن.
ئاۋرىل ھېينېس خانىم 11-مارت ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات ئالاھىدە كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە يەنە، ئامېرىكانىڭ «ئالدىنئالا يادرولۇق زەربە بېرىشى» دىن ئەندىشە قىلىۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ، بۇنىڭغا قارشى ھالدا خىتاينىڭ غەربى قىسمىغا 300 دىن ئارتۇق قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان قىتئەلەرئارا بالىستىك يادرو ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
ئاۋرىل ھېينېسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يادرو قوراللار كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى، ئۇنىڭ مۇنتىزىم ھەربىي توقۇنۇش قوزغاش جاسارىتىگە ئىلھام بېرىش خەۋپىنى كۈچەيتكەن. ئاۋرىل ھېينېس مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشىگە قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئالىدۇ.»
يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشى تېخىمۇ كۈچەيگەن، خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈركىلىشى ئارتقان، شۇنداقلا ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ئارۇناچال پرېداش شتاتىنى زىيارەت قىلىشى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بىر پەيتتە ئاۋرىل ھېينېس بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مودىنىڭ ئارۇناچال پرېداشتا زىيارەتتە بولۇشىغا دىپلوماتىك يوسۇندا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ رايوننىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى، ھىندىستاننىڭ ھەرىكىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىختىلاپتىكى چېگرا مەسىلىلىرىنى «تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئاۋرىل ھېينېستىن باشقا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئاساسلىق ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى گۇۋاھلىق بەرگەن.