تاجسىمان ۋىرۇسى ۋاباسىدا خىتاي ئىقتىسادى ئېغىر لىڭشىپ قالغان
2022.07.12
ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا تەدرىجىي ھالدا «يېڭىدىن قەد كۆتۈرۈۋاتقان ئىقتىساد ساھىبى» دەپ تەرىپلىنىشكە ئادەتلىنىپ قالغان خىتاينىڭ ھازىرغىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە داۋام قىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇس ۋاباسىدا ئېغىر دەرىجىدە ھالسىراپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
«نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» شوئارى بويىچە خىتايدىكى كۆپلىگەن سانائەت مەركەزلىرى، جۈملىدىن شاڭخەي، جياڭسۇ قاتارلىق جايلار نەچچە ئايلاپ مەجبۇرىي يوسۇندا قامالغا ئېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈنلەي توختاپ، سودا سارايلىرى ۋە رېستورانلارمۇ تاقىۋېتىلگەن. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ سەۋەبتىن ئىشسىزلار قوشۇنى زور دەرىجىدە ئاشقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن بۇ خىل تۆۋەنلەش ۋە لىڭشىپ قېلىش ۋەزىيىتى ۋىرۇس ۋاباسى باشلانغان ۋاقىتلاردىلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىكەن. نۆۋەتتە بۇنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشقا يۈزلىنىشى كىشىلەردە «خىتاي يولغا قويغان قاتتىق چارىلار راستىنىلا ۋىرۇس ۋاباسىنى تەل-تۆكۈس يوقىتالارمۇ؟» دېگەن گۇماننى تۇغدۇرماقتىكەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ۋىرۇس ۋاباسى ئەڭ دەسلەپ باشلانغان ۋۇخەن شەھىرىنى زىيارەت قىلغاندا «ۋىرۇس ۋاباسى ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ غەلىبە» دېگەن.
ھالبۇكى يېڭىدىن بايقالغان «ئومىكرون» (Omicron) ۋارىيانتىنىڭ تېزدىن يامرىشى بۇ جەھەتتىكى كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئەمدىلەتىن قامال بىكار قىلىنغان رايونلاردىكى نەچچە ئون مىليون ئادەمنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىش، قامال چارىلىرىنى قايتىدىن ئىجرا قىلىش دېگەنلەر ئىقتىسادىي ساھەگە ئېغىر بېسىملارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ نۆۋەتتىكى خىتايغا نىسبەتەن قانداق «شۇملۇق» لاردىن بېشارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ ئوخشىمىغان ئەندىشىلىك گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن ياڭ ۋېيمىن ئىيۇن ئېيىدا بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي تەۋرىنىش ھەققىدە سۆز قىلىپ «نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى بۇزۇۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئومۇميۈزلۈك ئىشەنچسىزلىكتۇر» دېگەنىدى.