خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئەسلىگە كېلىش مۆلچەردىن ئاستا بولغان
2024.08.15
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرى خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىنىڭ تەكشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا خىتايدىكى پارچە سېتىش مىقدارىدا ئۆرلەش كۆرۈلگەنلىكى، ئەمما سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقى مەلۇم بولغان.
خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پەرەز قىلىنغاندىنمۇ ئاستا بولغان، بۇ يىل 7-ئايدا 5.1 پىرسەنتلىك ئېشىش مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ 6-ئايدىكى 5. 3 پىرسەنتلىك ئېشىشتىن تۆۋەن بولغان، ھەتتا بىلۇمبېرگنىڭ پەرىزىدىكى 5.2 پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدا ھەددىدىن ئاشقان قاتتىق كوۋىد تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىلى بىر يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كۈتكەندەك بولمىغان، ئەكسىچە ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ قاتتىق ئۆرلىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىشى ھەمدە خىتايدىن يۆتكىلىشىگە سەۋەب بولماقتىكەن.
خىتايدىكى دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇلازىمەت كەسپىگە ئوخشاش بىر قىسىم ساھەلەردە ئەسلىگە كېلىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك توسالغۇلار تېخى يوقالمىغان. نۇرغۇن ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 7-ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 5.2 پىرسەنتكە ئۆرلىگەن بولۇپ، 6-ئايدا بۇ رەقەم 5 پىرسەنت ئىكەن.
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئادىل بولمىغان سودا رىقابىتى ۋە ھەمدە ئەرزان باھالىق ماللىرىدىن ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىرلىرىنى بارغانسېرى چىڭىتىشى، خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم رىقابەت بولۇپ قالغان.