خىتاينىڭ 6 تىرىللىيون 500 مىليارد دوللارلىق پاي چېكىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى خىتاي ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ۋەيران قىلىدىكەن
2024.09.10
خىتاي پاي چېكىنىڭ بۇ ئايدا چۈشۈپ كېتىشى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى داۋاملىق چېكىندۈرۈپ، خىتاي بازىرىغا بولغان ئىشەنچنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورى 9-سېنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئاكسىيە بازىرى كۆرسەتكۈچى 2019-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. شاڭخەي، شېنجېن ئاكسىيە بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى 7 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، ئۇدا تۆت يىل چۈشۈشتەك رېكورتنى ياراتقان. خىتاي ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى خىتاي ئىستېمالچىلىرىنى قەرزگە بوغۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىشىنى توسۇپ قويغان. ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئاۋۋال جىددىيلىشىپ كەتكەن دۇنيا ۋەزىيىتى خىتاينىڭ پاي چەكلىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغانلار ئۇنى ئەمدى قولدىن چىقىرىۋېتىشكە ئالدىرىغان. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىستېمال كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەل قىلالماي كەلگەن مەسىلە بولۇپ قالغان. 2024-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا، خىتاينىڭ دۆلەت فوندى 66 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئاكسىيە بازىرى فوندىنى سېتىۋېلىپ، ئاكسىيە بازىرىنى قوغدىماقچى بولغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئىقتىسادىنى بوغۇپ قويغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى يۆلەپ، خۇسۇسىي كارخانىلارنى چەتكە قېقىشى بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى گۈللەندۈرۈش ئىشەنچى تۆۋەنلەپ ماڭغان، بازارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە مۇقىملىقى بۇزۇلغان، خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭدىن نارازى بولغان. ئاقىۋەتتە، پاي چېكى بازىرىمۇ خارابلاشقان.