خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش ۋە ئاستىلاش داۋام قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.20

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئارقىغا چېكىنىپ، ئىقتىسادى ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئىزچىل ئاستىلاۋاتقانلىقى، شۇنداقلا پاك چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى سودا ئىختىلاپىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىدىن دېرەك بەرسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى يەنىلا خالىمايۋاتماقتا ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، بۇ ئاينىڭ خىتاي ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بىر ئاي بولغانلىقى، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۆسۈش سۈرئىتى كۈتكەندىنمۇ تېز ئاستىلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ۋەزىيەت ئانالىزچىلاردا خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادى ئۆسۈش سۈرئىتىنى بەش پىرسەنتكە يەتكۈزۈش پىلانى ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن، دېگەن قىياسنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە، خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە پارچە سېتىشى ئاستىلىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ پاي چېكى بازىرى ۋە ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنىڭ باشچىلاپ چۈشۈۋاتقانلىقى، ئىشسىزلىق ئېغىرلىشىپ، پۇل قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى يەنىلا جىددىي مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شۇنداقتىمۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى 2008-يىلىدىكى يەر شارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدە قوللانغاندەك كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادنى ھەرىكەتلەندۈرۈش پىلانى يولغا قويۇشنى خالىمايۋاتماقتا ئىكەن.

خەۋەردە، گەرچە خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپى كۈچىيىۋاتقان، بۇ ھال خىتاينىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەلدە سېتىشى ئىقتىدارىنى ئاجىزلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىشقا ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتتا ئېكسپورتقا تايىنىش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى چۆكۈش خىتاي ئىقتىسادىدىكى كاشىلىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالماقتا ئىكەن. ھالبۇكى خەۋەردە، خىتاي ئۆي-مۈلۈك بازىرى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چارەك قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ۋە خىتاي ئوتتۇرا قاتلام سىنىپىنىڭ ئاساسلىق بايلىق مەنبەسى بولۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.