ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان خىتاي يېڭى سودا جېڭى خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە
2024.11.13
خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە پېرۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ 13-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىننىڭ ئىستىقبالىنى بەك ياخشى دېگىلى بولمايدىكەن. چۈنكى ئامېرىكانىڭ قايتا سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتايدىن 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا سودا جېڭى باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ جىددىي ۋەزىيەت خىتاينىلا ئەمەس، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتىكەن.
دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى بىلەن بوغۇشۇۋاتقان بولۇپ، دونالد ترامپنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن بۇ كىرىزىس تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىكەن. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا خىتاي ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ يىغىندىن كېيىن ئۇ بىرازىلىيەنى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ئىزچىل تۈردە لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىنىمۇ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا كىرىشكە قىزىقتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بىرازىلىيە بىلەن قىلغان سودىسى 180 مىليارد، پېرۇ بىلەن قىلغان سودىسى 36 مىليارد دوللارغا يەتكەن. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ سودا كېلىشىمى تۈزۈپ، خىتاينىڭ خەلقئارا تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى، ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكا باشلىماقچى بولغان سودا جېڭىگە تەييارلىق قىلماقچى ئىكەن.