خىتاينىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىكى سانلىق كۆرسەتكۈچى ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يەنىلا ھارغىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن
2024.11.15
خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇشقا كىرىشكەن بىر پەيتتە، ئۇنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىكى سانلىق كۆرسەتكۈچى ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ھارغىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خەۋەرلەردە، خىتاي ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىنلاشقان پەيتتە، 5-نويابىر دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا قايتا سايلىنىشىنىڭ ئۇنىڭغا چوڭ تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىل 10-ئايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى پىلاندىكىدىن يەنىلا ئاستا بولغان. گەرچە خىتاينىڭ 10-ئايدىكى ئىستېمال بازىرى ئازراق جانلانغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇنى خىتاي ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كىرىزىسىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى دېيىشكە يانىلا بالدۇرلۇق قىلىدىكەن.
خىتاينىڭ 10-ئايدىكى ئىقتىسادىي سانلىق كۆرسەتكۈچى، يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ۋەدىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت كابىنېتىغا خىتايغا قاتتىق قول سەرخىللەرنى قويۇشىغا توغرا كەلگەن.
خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 15-نويابىر ئېلان قىلغا سانلىق كۆرسەتكۈچىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 10-ئايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 5.3 پىرسەنت ئارتقان، ئەمما بۇ، سېنتەبىر ئېيىدىكى 5.4 پىرسەنتتىن ئاستا بولغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ، كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىكى 5.6 پىرسەنتتىن ئاز ئىكەن. ئەمما خىتاينىڭ 10-ئايدىكى ئىستېمال بازىرى بۇ يىل 9-ئايدىكى 3.2 پىرسەنتتىن 4.8 پىرسەنتكە چىققان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ بۇ يىل 9-ئايدا يولغا قويغان سىياسىي تەدبىرلىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بولغان-بولمىغانلىقىغا ھازىر قارار قىلىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا. رويتېرسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قايتا سايلىنىشى، خىتايدا بىئارامچىلىق ياراتقان. ترامپ ئىلگىرى ئەگەر پىرېزىدېنتلىققا سايلانسا، خىتاي ماللىرىغا 60 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. خەۋەردە، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىق ھەم ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.