خىتاي ئىقتىسادىدا چۆكۈشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا
2024.07.25
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرى كۆپۈككە ئايلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچى تۆۋەنلەپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ خىتايدىن قېچىشقا باشلىغان.
خىتاي مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، پۈتكۈل خىتاي بانكا سىستېمىسىغا 25 مىليارد دوللار مەبلەغ ئېقىتقانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭمۇ ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 25-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى بانكىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن پۇل-مۇئامىلە جەھەتتە كۆپلىگەن كەڭچىل سىياسەتلەرنى يولغا قويغان بولسىمۇ، خىتاي ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن. خىتاي مەركىزىي بانكىسىنىڭ بۇ قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ئىقتىسادىنى قايتا يۈكسەلدۈرمەكچى بولۇشى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي چۆكۈشكە بولغان ئەندىشىسىنى ئاشكارىلاپ قويغان.
شى جىنپىڭ بۇ قېتىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «خىتاينى ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان قۇدرەتلىك پەن-تېخنىكا دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئەڭ ھالقىلىق نىشانى بولۇپ قالغان. ئەمما «ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق» دېگەندەك، خىتاي ئىقتىسادى داۋاملىق چېكىنىش ھالىتىدە تۇرماقتا ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىلقى ئىككىنچى پەسىللىك ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ 4.7 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بىرىنچى پەسىلدىكى 5.3 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولغان؛ خىتاي پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىباشلاش نىسبىتى ئۆسۈپ، ھازىر 1 دوللارغا 7.22 يۈەن توغرا كەلگەن. خىتاينىڭ قەرزى ئېشىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ راستتىنلا كۆپۈككە ئايلىنىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئىسلاھات پىلانىمۇ چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىشەنچ بېرەلمىگەن بولۇپ، خوڭكوڭدىكى پاي چېكى چۈشۈپ كەتكەن. يەنە كېلىپ، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كەلگۈسىدە سايلىنىپ قالسا، خىتايغا ئېغىر باج قويىدىغانلىق ۋەدىسىمۇ خىتاي ئىقتىسادىغا يوشۇرۇن زەربە بەرمەكتە ئىكەن.