خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش پايدىسى يۇقۇمدىن بېرى تېز ئازايغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.28

خىتاي سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئالىدىغان پايدىسى كوۋىد-19 ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن بېرى تېز سۈرئەتتە ئازايغان. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 9-ئاي خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش پايدىسى، كوۋىد-19 ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن بېرى ئەڭ تېز ئازلىغان بىر ئاي بولغان. ئامېرىكا CNBC قانىلىنىڭ بۇ خەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بۇ يىل 9-ئايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئالغان پايدىسى 17.8 پىرسەنت ئازايغاندىن كېيىن، 9-ئايدا تېخىمۇ شىددەتلىك ئازىيىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 27.1 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكى، بۇ، خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئالغان پايدىسىنىڭ 2020-يىلى 3-ئايدىن بېرى ئەڭ كۆپ تۆۋەنلىشى ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئالغان پايدىسى 2020-يىلى 3-ئايدا 37.9 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.

لېكىن بۇ قېتىمقى تۆۋەنلەش خىتاي ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، ئىشسىزلىق ئارتقان، خىتاي ئۆي-مۈلۈك بازىرى كىرىزىسقا پاتقان بىر ۋاقىتتا مەيدانغا كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇشتا قانچىلىك ئۈنۈملۈك رول ئوينىشى يەنىلا گۇمان قوزغاپ كەلگەن. خەۋەرلەردە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا يىغىن ئېچىپ، ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇشنىڭ كونكرېت تەپسىلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان يەنە بىر سانلىق مەلۇماتىدا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 3-پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى 4.6 پىرسەنتكە چۈشۈپ، پىلاندىكى 5 پىرسەنتكە يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەردە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتايدا ئىستېمال تەلىپىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش باھاسىنىڭ شىددەتلىك تۆۋەنلىشى، سانائەت شىركەتلىرىنىڭ پايدىسىغا تەسىر قىلغان، دەپ قاراۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2 يىلدەك «نۆل كوۋىد» سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، 2022-يىلى 26-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەملىكەت خاراكتېرلىك نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، يۇقۇم قامىلىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىنلاشقانىدى.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.