ئامېرىكا ئەدلىيەسى 5 نەپەر خىتاينى «جاسۇسلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا تارتقان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-05-19
Share

ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى بىر نەپەر ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى خىتاي بىلەن 4 نەپەر خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ خادىملىرىنى جاسۇسلۇق قىلىش ۋە خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان. بۇ دېلو نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ برۇكلىندىكى فېدېرال سوتىدا سوتلانغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى بايانتا، يوقىرىقى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك ۋە باشقا جايلىرىدىكى «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى» دەپ بىلىنگەن ئۆكتىچى خىتايلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە ھەتتا ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

سوت ھۆججىتىگە قارىغاندا، بۇ بەش كىشى نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ «كۇۋىن» (Queens, New York) دېگەن يېرىدىن بولغان 73 ياشلىق ۋاڭ شۇجۈن، گۇۋاڭدۇڭلۇق فېڭ خې، چىڭداۋلىق مىڭ لى، گۇاڭدۇڭلۇق مىڭ لى ۋە شياۋلى، چىڭداۋلىق لۇ كېچىڭلار ئىكەن. 73 ياشلىق ۋاڭ جىنايى ئىشلار ئەرزىگە ئاساسەن 16-مارت قولغا ئېلىنغان بولۇپ، قالغان تۆتى تېخى قېچىپ يۈرمەكتىكەن.

بۇ كىشىلەر ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ۋە باشقا شىتاتلاردىكى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ياخشى كۆرمەيدىغان خىتاي ئۆكتىچىلەر، ئۇيغۇرلار، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى تەقىب قىلىش، ئۇچۇر توپلاش، خىتاينىڭ ج خ تارماقلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، بەدنام چاپلاش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ھەتتا سۈيىقەست پىلانلاشتەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 73 ياشلىق ۋاڭ شۈجۈن ئۇزۇن يىل نيۇ-يوركتا ياشىغان بىر «ئىلمىي خادىم» بولۇپ، ئۇ دېموكراتچى قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن بىرى ئىكەن. ئۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ئۆكتىچىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرى، پائالىيەتلىرى ۋە ھەتتا پائالىيەتلەردە سۆزلىمەكچى بولغان نۇتۇقى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن، ئۇنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى خادىملىرىغا «كۈندىلىك خاتىرە» دېگەن نام ئاستىدا يوللاپ تۇرغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىمۇ تەقىب قىلغان. ئۇ ئالاقە قىلغان بىر خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى خوڭكوڭغا قايتقاندىن كېيىن، خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بۆلۈمىنىڭ باش تەپتىش ياردەمچىسى ماتېۋ گ. ئولسېن بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي ۋە باشقا ھەر قانداق مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ دۆلىتىمىزگە باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىغا يول قويمايمىز. بىز ھەر قانداق بىر چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا، قانۇنلىرىمىزنىڭ قوغدىلىشىنى رەت قىلىشىغا، شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياكى ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشىغا يول قويمايمىز ۋە ئۇنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىمىز.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت