خىتاي ھۆكۈمىتى جاسۇسلۇق ئۈچۈن «مىكروسوفت» شىركىتىگە قارا قولىنى سوزغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.05.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تىرەك بولغان خاككېرلار گۇرۇھى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گۇئام (Guam) ئارىلىدىكى ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن يېقىندا «مىكروسوفت» (Microsoft) شىركىتىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا قىلتاق قۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئۆزلىرى ياساپ چىققان كومپيۇتېر كودىنى مىكروسوفت مەشغۇلات سىستېمىسىغا قوشۇۋەتكەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گۇئام ئارىلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى سۈزۈۋالماقچى بولغان. ئەمما «مىكروسوفت» شىركىتى ۋە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورۇنلىرى بۇ «ئويۇن» نى بايقاپ قالغان ھەمدە ئۇنى توسۇۋەتكەن. خەۋەردە خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمىدا قانچىلىك ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئېيتىلمىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى (NSA) نىڭ دىرېكتورى روب جويس (Rob Joyce) بۇنى «بىر قېتىملىق ئەڭ زور تور جاسۇسلۇقى قىلمىشى» دەپ ئاتىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇئام ئارىلى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم ھەربىي بازىسى جايلاشقان ئارال بولۇپ، خاراكتېر جەھەتتە ئامېرىكا تېررىتورىيەسىنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى ئەۋج ئېلىۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ قېتىمقى جاسۇسلۇق قىلمىشى نۆۋەتتە خىتاينىڭ دېڭىز زومىگەرلىكىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.