خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى خىتاي ئىقتىسادىدا بۇرۇلۇش پەيدا قىلالمايدۇ دەپ قارالماقتا
2024.07.16
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، يىغىندا خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى، ياشلارنىڭ يۇقىرى نىسبەتتىكى ئىشسىزلىقى، كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلاردىكى ئۈمىدسىزلىك، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىغىن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى چوڭ جەھەتتىن ئۆزگەرتەلىشى ناتايىن دەپ قارىماقتا ئىكەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ 16-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر خەلقئارا سودا مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن زىددىيىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ خىتاينىڭ بۇ يىغىندا «خىتايغا چەت ئەل مەبلىغىنى كۆپلەپ مەبلەغ جەلپ قىلىش» دېگەندەك ئىسلاھات چاقىرىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىسلاھاتىنى 90-يىللاردا تاماملاپ بولغان بولۇپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى شۇ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيە ھەممىنى باشقۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە خەتىرىنى تۈگىتىش، تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەندەك سىياسەتلىرى خىتاي ئۈچۈن بىر مەزگىل ئىشقا يارىسىمۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە جانلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولالمايدىكەن. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھەقىقىي گۈللىنىشى يەنىلا خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىغا باغلىق بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىساد بىلەن تەڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، غەرب دۆلەتلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى خىتاي ئىقتىسادىغا پايدىسىز مۇھىت ياراتقان.
بۇ يىغىن خىتاينىڭ چۆكۈۋاتقان ئىقتىسادىنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى، قانداق ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يىغىن دەپ قارالسىمۇ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە ھېچقانداق پايدىلىق بىر سىگنال بەرمىگەن.