خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈنسېرى كاساتلىشىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىنى قانداق قۇتقۇزۇشى يەنىلا سىر بولۇپ قالغان
2024.07.19
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 15-ئىيۇلدىن 18-ئىيۇلغىچە بېيجىڭدا چاقىرىلغان 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنى، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسىي پىلانلىرىنى بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ كۈنسېرى كاساتلىشىۋاتقان ئىقتىسادىنى قانداق قۇتقۇزۇشنىڭ كونكرېت تەپسىلاتلىرى يەنىلا سىر بولۇپ قالغان. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىننىڭ 18-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان ئاخباراتىدا، تېخنولوگىيەدە ئۆز-ئۆزىنى قامداش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ياخشىلاش، خام چوت، باج، مالىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئوخشاش ئومۇمىي پىلانلار تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىستېمال ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز كىرىزىسى قاتارلىق ھالقىلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت چارىسى ھەققىدە يەنىلا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 360 نەپەر مەركىزى كومىتېت ئەزاسى قاتناشقان مەزكۇر يېپىق يىغىن بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىننىڭ ئاخباراتىدا، پارتىيەنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدا 2035-يىلغىچە تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىجادچان ۋە يېشىل ئىقتىساد بەرپا قىلىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن CNN نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر «3-ئومۇمىي يىغىننىڭ سىياسىي قارارلىرىنىڭ يۆنىلىشىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بېشارەتلەرنىڭ ئاز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن. ھالبۇكى خەۋەردە، ئىقتىسادىي كاساتچىلىقنى قانداق ھەل قىلىشقا دائىر تەپسىلىي دېتاللار ئاز بولسىمۇ، لېكىن يىغىن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتلىمىدا ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن تەۋرىنىشكە ئائىت مەلۇماتلارنى بەرگەن. CNN نىڭ قەيت قىلىشىچە، يىغىن مەركىزى كومىتېت ئەزالىقىدىن «ئىستېپا بەرگەن» سابىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ پارتىيە ئەزالىقىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بىلەن خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى راكېتا قىسىملىرىنىڭ ئىككى قوماندانىنىڭ پارتىيە ئەزالىقى بىكار قىلىنىپ، ئۇلار ئارمىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.