ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى خىتاي ماللىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويىدىغان ئەڭ كىچىك يوچۇقلارنىمۇ ئېتىش تەدبىرى ئالماقتا
2024.10.04
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى مايك جونسون (Mike Johnson) نيۇ-يورك ئاكسىيەسىدە ئامېرىكالىق تىجارەتچىلەرگە سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئامېرىكانىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى «ئەڭ تۆۋەن چەك» قائىدىسى بويىچە پوسۇلكا ھالىتىدە ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلغان قانۇنلارنى تۈزۈش ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا زەربە بېرىدىغان قانۇنلار ئۈستىدە داۋاملىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئەڭ تۆۋەن چەك قائىدىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىغا زەربە بېرىدىغان قانۇنلار ئۈستىدە ئىشلەۋاتىدۇ»
ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك جونسون 1-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى بۇ سۆزىدە، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ بىزنىڭ ئەمگىكىمىز ۋە تېخنىكىمىزنى ئوغرىلايدىغان، سودا كېلىشىمىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىشىمىز ۋە كەسىپلىرىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرىنى بوش قويۇۋېتىدىغان كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. ئالدىنقى ئايدا، ئاۋام پالاتاسى 20 نەچچە قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ سودىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ۋە باشقا ناچار سودا ئادەتلىرىگە تاقابىل تۇردى. بىز ماقۇللىغان بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك قانۇنى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر».
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قانۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ساغلاملىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوغدايدىغان ۋە خىتاي باشقۇرۇشىدىكى بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن تۈزۈلىدىغان دۆلەت توختاملىرىنى توختىتىدىغان قانۇن ئىكەن. ئۇ بۇنى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئورتاق غەلىبىسى، دەپ ئاتىغان.
ئاۋام پالاتا رەئىسى مايك جونسون سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە ئامېرىكادا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ مەبلىغىنىڭ خىتايغا، جۈملىدىن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كۈچلىنىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى، ئامېرىكا مەبلىغىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى قوللايدىغان شىركەتلەرگە ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھەققىدە ئۈنۈملۈك سۆھبەتلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
مايك جونسون بۇ سۆزىدە سودا ساھەسىدىكىلەرنى خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىغا تەييارلىق كۆرۈش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز ئۆز نىيىتىنى ئاشكارىلىغان بىر گۇمانخور رەھبەر بىلەن ھەپىلىشىۋاتىمىز. گەرچە بىز بۇ ئۇرۇشنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلساقمۇ، بىراق ئۆز شىركەتلىرىمىزنىڭ بۇ ئېھتىماللىققا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن قەدەم بېسىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەممىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن» دېگەن.