خىتايدىن چىقىپ كەتكەن چەت ئەل مەبلىغى 168 مىليارد دوللارغا يەتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.02.14

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا سالىدىغان مەبلىغى ئازلاپ، خىتايدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىۋاتقان مەبلىغى داۋاملىق كۆپەيمەكتە ئىكەن. خىتاي تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2024-يىل خىتايدىن چىقىپ كەتكەن مەبلەغ تارىخىي رېكورت ياراتقان بولۇپ، 168 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇ 1990-يىلدىن بۇيان، خىتايدىن ئەڭ كۆپ چەتئەل مەبلىغىنىڭ چىقىپ كېتىشى ھېسابلىنىدىكەن.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورى 14-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن مەبلەغ چېكىندۈرۈشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەللەرگە يۆتكىگەن مەبلىغى 173 مىليارد دوللارغا يەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى ئازلاپ 4 مىليارد 500 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ 1992-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن مىقدار ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭىنىڭ بارا-بارا كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، خىتايغا مەبلەغ سالىدىغان چەتئەل شىركەتلىرى تېخىمۇ ئازلايدىكەن، خىتايدىن چېكىنىدىغان مەبلەغ تېخىمۇ كۆپىيىدىكەن. پىرېزىدېنت ترامپ خىتايغا 10 پىرسەنت قوشۇلما تاموژنا بېجى ئالغاندىن كېيىن خىتايمۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىپ، كېلۋىن كلېن (Calvin Klein) قاتارلىق شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە ئالغان. «ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي يەنە ئامېرىكىنىڭ ئالما شىركىتى بىلەن سىنوپىس (Synopys) شىركىتىنى تەكشۈرۈشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. بۇ ئەھۋال چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ قىيىن بولىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەرگەن.

خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى ۋە خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان گىئو-سىياسىي زىددىيەتلىرى چەت ئەل شىركەتلىرىنى خىتايدىن چېكىنىشكە زورلىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن بەزى چەتئەل شىركەتلىرى پايدا ئېلىش ياكى قەرز قايتۇرۇش ئىشىدا ھەر خىل مەسىلىلەرگە يولۇققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.