ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئوسوف «شىنجاڭ قۇياش ئېنىگىيەسى مەھسۇلاتلىرى» غا تايىنىشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-24
Share

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى جون ئوسوف، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي قۇياش ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھاۋا كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇياش ئېنىرگىيە تەمىنات زەنجىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي قىلىش ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلىشى كېرەك ئىكەن. جون ئوسوف ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ يەر شارى كېلىمات ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كەررىي، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن كېلىمات مەسىلىسىدە «قىيىن تاللاش» قا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئارقىدىنلا بۇ سۆزلەرنى قىلغان.

جون كەررىينىڭ سۆزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان ئىدى. جون ئوسوف 23-سېنتەبىر «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقتا مۇرەسسە قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ «ھەر ئ‍ىككىلىسىنى قىلىش كېرەكلىكى»، بۇنىڭ «ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «كېلىمات مەسىلىسىدە بىز ھازىرلا ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز، قۇل ئەمگىكى مەسىلىسىدىمۇ ھازىرلا ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك… بىز زور دەرىجىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قۇياش ئېنىرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىغا يۆلىنىپ قالدۇق.»

جون ئوسوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قۇياش ئېنىرگىيە تەمىنات زەنجىرىنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىش، قۇياش ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىش، پرېزىدېنت بايدېننىڭ كېلىمات ئۆگىرىشىنى كونترول قىلىش پىلانىغا ئۇيغۇنلىشىش، قۇياش ئېنىرگىيە تەمىنات زەنجىرىنى ئۇيغۇر مەجۇرىي ئەمگىكىدىن خالىي قىلىش ئۈچۈن «قۇياش ئېنىرگىيە قانۇن لايىھەسى» سۇنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت