ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خىتاي ماللىرىنى ئېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-12-16
Share

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كېن كاكسىنېل(Ken Cuccinell) 15-دېكابىر «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «خىتاي مالى» ماركىسى بولغان ھەر قانداق بۇيۇمنى سېلىۋېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

مىلاد بايرىمى ۋە يېڭى يىل بايرىمى كېلىش ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە بۇ مەزگىلدە ئامېرىكادا شەكىللىنىدىغان يۇقىرى ئىستېمال قىزغىنلىقىنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ پەقەت «خىتاي مالى» دېگەن ماركىدىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «بايراملىق سوۋغات ئۈچۈن ئۆيدىكىلىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىز ئۈچۈن سېتىۋالغان پاختا مەھسۇلاتلىرى بەلكىم قۇللۇق ئەمگەكتىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنى ئۇ مەھسۇلاتلار ھازىرقى دەۋردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تاۋارغا ئايلاندۇرۇلغان شەكلىدۇر. خىتاي دۆلىتى قوللاۋاتقان بۇ زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار پەقەت دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت خەلقىدۇر، ئەمما ئۇلار دىنسىز خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ سۇيىقەستلىك زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدى».

بۇ ماقالىدە يۇقىرىقى سۆزنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق مۇسۇلمانلىرىنىڭ 1300 ئەتراپىدىكى لاگېرلارغا قامىلىپ ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى، ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئاياللارنىڭ ئەڭ ئېغىر خورلۇققا ئۇچرىغانلىقى ۋە تۇغماس قىلىۋېتىلگەنلىكى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن تارتىۋېلىنىپ خىتايچە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى دېگەندەك قەبىھ قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىپ كىيىم-كېچەك، لۆڭگە، كىرلىك، ئەدىيال، خام يىپ دېگەندەك كۆپلىگەن پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا سالغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسىنىڭ قايتا ھەرىكەتلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەربىي ئورگان بولغان بىڭتۇەننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدىكەن. چېگرا ۋە تاموژنىنى قوغداش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «دۇنيا پاختا مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى» دا بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ قۇل ئەمگەك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق زوراۋانلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار تەكلىپ ۋە سىياسەتلەرنى ئېلان قىلغان.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ بايرام مەزگىلىدە بىز ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنىڭ خىتاي مېلىنىڭ ئۇنچىلىك قەدىر-قىممەتكە لايىق ئەمەسلىكىنى تونۇشقا چاقىرىق قىلىمىز. لاگېرلارنى ئەسلىتىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى ۋە ئامېرىكا بازىرىنى چىرىتىشنى خالىمايمىز. بىز ئامېرىكا ئىشچىلىرى ۋە ئىش تاپالماي قىينىلىۋاتقان باشقا ساھەدىكى كىشىلەرنى خىتايدا مەجبۇرىي قۇل قىلىنىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر بىلەن رىقابەتلەشتۈرمەيمىز ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ يۈزىگە قارا سۈركەيمىز. بىز ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ دۆلىتىمىز 155 يىل ئاۋۋال غالىب كەلگەن رەزىل كۈچلەرنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز».

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇئاۋىن مىنىستىر كېن كاكسىنېلنىڭ بۇ ماقالىسى بىر تەرەپتىن يىللاردىن بۇيان خىتاي مېلىغا باغلىنىپ قالغان ۋە خىتايدىكى قۇللۇق ئەمگىكىنى تېخى تونۇپ يەتمىگەن ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش بولسا، بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق ھوقۇقلۇق ئورگانلارنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزمەسلىك قارارى ۋە سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت