خىتايدا ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى چوڭقۇرلىشىپ نامايىشلارغا يول ئاچماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.11.20

خىتاي ئۆي-مۈلۈكچىلىك كەسپىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن كىرىزىسقا پېتىپ قېلىشى خىتايدا نامايىشلارنىڭ كۆپىيىشىگە يول ئاچقان.

«ئاسىيا ئىقتىساد خەۋەرلىرى» (Nikkei) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئالدىنقى بىر ئايلىق مەبلەغ سېلىش ۋە ئۆي-مۈلۈك سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا 11 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن بولۇپ، كۆپ قىسىم شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن.

خىتاي نۆۋەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرى بانكىدىن ئالغان قەرزلىرىنى قايتۇرالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەدىكى تەمىنلىگۈچىلەر، ھۆددىگە بەرگۈچىلەر ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بىردەك نەچچە ئايلاپ مائاشسىز قالغان؛ ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارچە بىساتىنى سېلىپ بەرگەن كىشىلەر بولسا يىللاردىن بېرى پۈتكەن ئۆيلىرىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

ھازىر بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي بويىچە نامايىشلار كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ «خىتايدىكى ئىختىلاپنى نازارەت قىلىش» تۈرىنىڭ ھېسابلىشىچە، 2022-يىلى 6-ئايدىن 2023-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە چېتىشلىق 1777 نامايىش يۈز بەرگەن ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنى قوللايدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ باققان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەدبىرلەرمۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا يېتەرلىك بولمىغان.

 «ئاسىيا ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، ھازىر خىتايدا كۈنىگە ئاز دېگەندە 50-70 قىچە نامايىش يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، شېنجېن، شىئەن ۋە جېڭجۇ شەھەرلىرىدىكى نامايىشلار بىر قەدەر كەڭ كۆلەملىك بولماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ نامايىشلارنى قورقۇتۇش ۋاسىتىسى بىلەن چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆلكىلىك ۋە يەرلىك پارتىيە كادىرلىرىغا نازارەت قىلىش، قورقۇتۇش، زوراۋانلىق، تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق نامايىشنى قىسقارتىش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.