خىتاي پەلەستىننىڭ خاماس ۋە فاتاخ تەشكىلاتلىرىنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا تەكلىپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.04.26

خىتاي، پەلەستىن ئىسلامى جىھاد قوراللىق تەشكىلاتى خاماس بىلەن ئۇنىڭ رەقىبى بولغان فاتاخ، يەنى پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ياراشتۇرۇشقا ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولغان. خەۋەرلەردە، خاماس ۋە فاتاخ ۋەكىللىرىنىڭ بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتاينىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن 26-ئاپرېل ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا فاتاخ بىلەن خاماسنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىپ، 2007-يىلدىن بېرى ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىپ كەلگەن بۇ ئىككى تەشكىلاتنى «ياراشتۇرماقچى» بولۇشى دىققەت قوزغىدى.
بىلىنكېن 26-ئاپرېل بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارى كىرىزىسلىرىدا خىتاينىڭ قانداق «ئىجابىي رول» ئوينىشىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

لېكىن «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا فاتاخ ھەرىكىتىنى قوللىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئامېرىكا تەرەپتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن خاماسنى فاتاخ بىلەن ياراشتۇرماقچى بولغانلىقىدىن بىئارام بولماقتا ئىكەن. 2007-يىلدىن بېرى غەززەنى كونترول قىلىپ كەلگەن خاماس، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئىسرائىلىيەگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 1200 ئىسرائىلىيەلىكنى ئۆلتۈرگەن، 253 كىشىنى گۆرۈگە تۇتۇۋالغان؛ بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە كەڭ كۆلەملىك قايتۇرما ھەرىكەت قوللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ قايتۇرما زەربىسىدە ھازىرغىچە 34 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلگەن. لېكىن ئىسرائىلىيە بۇ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى ھەقلىق مۇداپىئە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ كەلدى. خىتاينىڭ خاماس بىلەن فاتاخ ۋەكىللىرىنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىشى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قانچە كۈن ئاۋۋال يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىشىغا بىلدۈرگەن ئىنكاسى دەپمۇ قارالماقتا. پەلەستىن ب د ت دا ئىزچىل خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، پەلەستىنمۇ خەلقئارا سەھنىلەردە خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» ئىزچىل قوللاپ كەلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.