خىتاينىڭ سانائەتتە تاپقان پايدىسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 17.8 پىرسەنت تۆۋەنلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.09.27

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ سانائەتتە تاپقان پايدىسى ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 17.8 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. بۇ يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ تېز تۆۋەنلەش ھېسابلانماقتا.

CNBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ ئىچىدە ئۆي-مۈلۈك ساھەسى 8-ئايغىچە بولغان 12 ئاي ئىچىدە 10.2 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. بۇ تۆۋەنلەش 7-ئايدىكى تۆۋەنلەش سۈرئىتى بىلەن ئوخشاش بولغان. شەھەرلەردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بىر ئاي بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرىلىغان.

دوكتور ئاندېرس كور قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق سىياسىي قارارلار بىلەن ئىقتىسادنى باشقۇرۇشى سەۋەب بولغان ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزگە پېتىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى نىشان قىلغان زومىگەرلىك سىياسەتلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتايدىن يىراقلاشتۇرماقتا ئىكەن. چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتايدىن يىراقلىشىشى بولسا بىۋاسىتە ھالدا خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. .

شى جىنپىڭ 2024-يىلى ئىيۇلدا چاقىرىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي كاساتچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «بىر قاتار ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. دوكتور ئاندېرس كورغا ئوخشاش كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر قاتار ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى» ۋە «كۆپىنچىسى ئەمەلگە ئاشمىدى» دەپ قارىماقتا.

رايموند كو، گوردون چاڭ ۋە ئاندېرس كور قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق قارىشىچە، شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى ئۆستۈرۈش، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئەمەس، ئەكسىچە بازار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىسلاھ قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى ھەممىدىن بەك زۆرۈر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.