ئامېرىكا خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىۋاتقان 5 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

28-ئىيۇن كۈنى جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 5 شىركىتىنى رۇسىيەنىڭ ھەربىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە بازىسىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن؛ بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەر قانداق دۆلەت ياكى ئورگاننى جازالايدىغانلىق ئىرادىسىنى كۆرسەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەگە ياردەم بەرگەن بۇ 5 خىتاي شىركىتى Connec ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى، باش شتابى خوڭكوڭغا جايلاشقان World Jetta شىركىتى، ئارقا سەپ تەمىناتى چەكلىك شىركىتى، كىڭ پەي تېخنولوگىيە شىركىتى ۋە Winnic ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

رۇسىيە 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرىلا بۇ 5 شىركەت رۇسىيەگە ناھايىتى «مۇھىم ماللار» نى تەمىنلىگەن؛ رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى رۇسىيە بىلەن قويۇق سودا قىلىۋاتقان شىركەتلەرنى جازالىغان. ئەمما بۇ 5 شىركەت رۇسىيە بىلەن سودا قىلىش چەكلەنگەن شىركەتلەر بىلەنمۇ داۋاملىق سودا قىلىۋەرگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئالان ئىستىۋىز (Alan Estevez) بۇ 5 شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەرىكىتىمىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەر ۋە شەخسلەرگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنالدۇر. ئەگەر ئۇلار رۇسىيەگە ياردەم بەرمەكچى بولسا، ئامېرىكا ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.