خىتاي دائىرىلىرى تايلاندتا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.10.24

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىلىۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاقلاشنى مەقسەت قىلغان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 21-ئۆكتەبىر كۈنى تايلاندتا «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق بىر تەشۋىقات ئاخبارات يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل سۆزلىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا قانات يايدۇرۇۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولۇپ، زۇمرەت ئوبۇل شۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلاردا داۋاملىق ھالدا «باش رول» ئويناپ كەلگەن خىتاي رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق تەشۋىقات ئاخبارات يىغىنىدىمۇ زۇمرەت ئوبۇل «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ھەر قايسى ساھەلەردە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى، شىنجاڭدا ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى» سۆزلەپ، تايلاندلىقلارنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، «ئۇ يەردىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغان».

بۇ يىغىنغا يەنە خىتاينىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەن جىچياڭمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتنى خىتاينىڭ تايلاندتىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن «شىنجاڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا تايلاند پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە تايلاند پارلامېنتىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان.

تايلاند دائىرىلىرى 2014-يىلى خىتايدىن قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان 220 نەپەر ئۇيغۇرنى تايلاند-مالايسىيا چېگراسىغا يېقىن سۇڭخلا دېگەن جايدا قولغا ئالغانىدى. بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئىچىدىكى 109 نەپەر قورامىغا يەتكەن ئەر، 2015-يىلى 7-ئايدا كۆرسىتىلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ھازىر خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلمىغان، بىراق داۋاملىق تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 تىن ئوشۇق ئۇيغۇر مەھبۇس بارلىقى مەلۇم. تايلاندتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياقىلايدىغان بىر قىسىم ئورگان ۋە شەخسلەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەر 3-دۆلەتكە قويۇپ بېرىلمەسلىكىدىكى بىردىنبىر سەۋەبنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورقۇشى، خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋېلىشنى خالىماسلىقى، دەپ كۆرسەتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.