خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ بىر ئىزدا توختايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.05.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«سودا ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 23-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ كەلگۈسى 20 يىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا زور ئۆسۈشنىڭ بولمايدىغانلىقى، بۇ ھالنى «بىر ئىزدا توختاپ قېلىش» دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدىغانلىقى يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بايانلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى قارمىقىدىكى خىتاي سودا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جورج ۋۇتكى (Joerg Wuttke) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلغاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە توختالغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى قىسىمدا دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، تاجسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان رېئاللىق مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي ئەمدى كەلگۈسى 20 يىلدا ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتىنى بەش پىرسەنتكە يەتكۈزۈش ھەققىدىكى ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ. بۇ سان ئىككى ياكى ئۈچ پىرسەنتكە يەتسە چوڭ گەپ» دېگەن.

خىتاي ئىقتىسادى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مەسىلىلەر «خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندى» (IMF) نىڭ بايانلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى 2025-يىلىنىڭ نېرىسىغا بارغاندا تۆت پىرسەنتكىمۇ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك خىتاي ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتە ئاساسى بوشاپ قالغانلىقتىن بۇنىڭدىكى ئۆسۈشنىڭمۇ زور بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. جورج ۋۇتكى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «خىتاي بۇ ھالدىن قۇتۇلىمەن دېسە قاتتىق بىر ئىسلاھات قىلماي بولمايدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.