ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ھەيران قالغان»
2024.10.21
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىش دىپلوماتىك تەشۋىقاتىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ باش كاتىبات مەسئۇللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە زىيارەتتە بولغان.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، 32 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 16-ئۆكتەبىردىن 19-ئۆكتەبىرگىچە ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، «رايوندىكى پەرقلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىناقلىق ۋە ئورتاق تەرەققىياتتىن ھەيران قالغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. بۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە بۇ تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ 2023-يىلى 8-ئايدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە 2-قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى ئاشكارا قوللىشىدۇر.
ھالبۇكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن ئەھۋالدىمۇ، مۇسۇلمان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ «رايوندىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىناقلىق ۋە ئورتاق تەرەققىياتتىن ھەيران قالغانلىقى» نى بىلدۈرۈشى، غەرب بىلەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى چوڭقۇر پىكىر ئىختىلاپىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارالماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن سىرت، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان، كامېرون، ئىران، مالى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسلامىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىكەن.
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ زىيارەتنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. زىيارەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى خانى ئابدۇلۋاھاب كاشىف، «شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى دۇنياغا تېخىمۇ توغرا تونۇتۇش ئۈچۈن ئۆزئارا تەسىرنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى» نى تەكىتلىگەن. «خىتاي يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي 18-ئۆكتەبىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلغان.