«شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» ياپونىيە بىلەن كورېيەدە «شىنجاڭ ھېكايىسى سۆزلەش» تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.21

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ قازاق مىللىتىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇرلان ئابدۇمانجىن يېتەكچىلىكىدىكى بىر «شىنجاڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان. بۇ، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىلىشى، تۇغماس قىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىدىن بېرى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىشىدىن بېرى، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئاپتونوم رايونى ئەمەلدارىنىڭ ئۆمەك باشلاپ ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەدە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقاتىدا بولۇشىدۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنيازمۇ ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلماقچى بولغان. ئەمما ئەركىن تۇنياز ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن زىيارەت پىلانىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىيارەت ئۆمىكى 14-ئۆكتەبىردىن 19-ئۆكتەبىرگىچە ياپونىيەنىڭ ئوساكا، توكيو ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ سېئول قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان. خەۋەرلەردە، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئوساكا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى، ياپونىيەلىك دوستلار، يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ياپونىيەدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەم خىتاي مۇھاجىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، توكيودا «رەڭگارەڭ شىنجاڭ» ناملىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغانلىقى، سېئولدا جەنۇبىي كورېيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، نۇرلان ئابدۇمانجىن ياپونىيەدە «شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئورتاقلاشقان، نىشانلىق ھالدا شىنجاڭ ھەققىدىكى ھەر خىل يالغان جامائەت پىكرى، سەلبىي جامائەت پىكرى ۋە زىيانلىق سۆزلەرنى رەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلغان.»

بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بولغان تۇنجى ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئېرىنىڭ يېقىندا ياپونىيەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا قاتتىق مەيداندا تۇرۇشقا چاقىرىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. نۇرلان ئابدۇمانجىننىڭ زىيارەتتە ياپونىيە پارلامېنتى بىلەن كۆرۈشكەن-كۆرۈشمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ھالبۇكى، ياپونىيە پارلامېنتى 2022-يىلى 2-ئايدا قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.