خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆمەك تەشكىللەپ، چەت ئەلدە «گۈزەل شىنجاڭ» تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.11.29

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 29-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت كابىنېتى (گوۋۇيۈەن) ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئۆمەك تۈركىيەدە «ھەقىقىي شىنجاڭغا كۆپ تەرەپتىن نەزەر سېلىش» تېمىسىدا تەشۋىقات-تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، تۈركىيە مارامارا فوندى جەمئىيىتى ۋە «ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار» بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن؛ سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولسا، ئۇلار «رىياد گېزىتى» باش مۇھەررىرى، پادىشاھ سالمان ئەرەب تىلى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، شۇنداقلا باشقا تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملار بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان. قاتاردا بولسا، ئۇلار قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئەرەب يېرىم ئارىلى تەتقىقات مەركىزى، قاتار دۆلەت ئاگېنتلىقى ۋە باشقا تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

بۇ پائالىيەتلەر داۋامىدا، مەزكۇر ئۆمەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» نى تونۇشتۇرغاندىن باشقا، «شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇش، شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مەركىزى قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك نۇقتىلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. بۇ ئۆمەك يەنە بۇ جەرياندا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا «قارا سۈركىگەنلىكى» نى قايتا ئەسكەرتىپ، بۇ ئۆمەكنى كۈتۈۋالغان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ خىتاينى چۈشىنىشى ۋە كۆز قارىشىنى توغرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خەۋەردە، بۇ ئۈچ دۆلەتتىكى زىيارەت ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى سىياسەت ئەربابلىرى ۋە ئاخبارات مەسئۇللىرىنىڭ خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردا دۆلەت سىرتىدىكى تەشۋىقاتنى ئىنتايىن ئەتراپلىق، سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسى» نى ياخشى سۆزلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى چۈشەنمەيدىغانلاردا زور قايمۇقۇش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئامېرىكاغا قارشى ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى، بىر خىل تاكتىكا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.