«ۋاشىنگتون پوچتىسى» خىتاي تور جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكا تېلېفون ئالاقە سىستېمىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن
2024.11.04
ئامېرىكانىڭ «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى ئۆتكەن ئايدا خىتاي تور جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكا تېلېفون ئالاقە تورىغا سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكى، تور جاسۇسلىرىنىڭ تېلېفون ئالاقە تورىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەخپىي ئاڭلاش سىستېمىسىغىمۇ سۇقۇنۇپ كىرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگېن 2-نويابىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا قەيت قىلىشىچە، بۇ تەھدىتنىڭ كىشىلەر ئويلىغاندىنمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. جوش روگېننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا باغلىق دەپ قاراۋاتقان خاككېرلار، ئامېرىكا تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرىغا ئېچىپ بەرگەن مەخپىي ئاڭلاش ھەم نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا سۈڭگۈچ ئېچىپ كىرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خاككېرلارنى ھازىرمۇ بۇ سىستېمىغا كىرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا ئىكەن.
جوش روگېن، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئامېرىكانىڭ ئۈچ چوڭ تېلېفون ئالاقە تورىدىكى مىليونلىغان تېلېفون ئابونتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى، گەرچە بۇ ۋەقە بەك سەزگۈر ھەم سايلام ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ خەلقنى بۇنىڭغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى چاقىرغان. «ۋول سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىدىن، «تۇزلۇق تەيپېڭ» ناملىق خىتاي تور جاسۇسلۇق ھۇجۇمىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ، ئۇنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتى د. ج. ۋەنس، ھازىرقى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا خاررىسنىڭ سايلام كومىتېتى ۋە دۆلەت مەجلىسى خادىملىرىنى نىشان قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
جوش روگېننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېر: «بۇ ھادىسە ھازىر سىلەر پەرەز قىلغاندىنمۇ جىددىي ھەم ئېغىر» دەپ كۆرسەتكەن. مارك ۋارنېرنىڭ ئېيتىشىچە، «بۇ ھادىسە ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقانلارغا نىسبەتەن يىللاردىن بېرى دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر ۋەقە» ئىكەن.
جوش روگېن، خاككېرلارنىڭ تېلېفون سىستېمىسىدىكى مەخپىي ئاڭلاش خاتىرىلىرىگە ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەنلىكى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئىلگىرى خەۋەرلەردە خاككېرلارنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى ئاڭلاش، خەت يوللانمىلىرىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقى قەيت قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.