ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى ئامېرىكانى خىتاينىڭ ئۇل ئەسلىھە تور ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.07.17

ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كومىتېتى شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان تور ئىشخانىسى مەسئۇلى ئىسرائىل سوڭ (Israel Soong) 16-ئىيۇل كۈنى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە سۆز قىلىپ، «خىتاي كۆپ يىللاردىن بېرى ئامېرىكانىڭ مۇھىم ئەسلىھەلىرىنىڭ كەينىدىن يوچۇق ئاچتى، ئەگەر كىرىزىس ياكى ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئامېرىكاغا ئەجەللىك تور ھۇجۇمى قىلىپ، قاتناش-تىرانسپورت، ئېلېكتىر تورى، ئۇچۇر-ئالاقە تورى، سۇ تەمىنلەش قاتارلىق  مۇھىم سىستېمىلارنى پالەچ قىلىپ قويۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە سىستېمىلىرىغىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا سوقۇنۇپ كىرگەن بولۇپ، يەر شارى خاراكتېرلىك بۇنداق تور مۇداخىلىسىنىڭ كۆلەم جەھەتتە چوڭلۇقى كىشىنى چۆچۈتىدىكەن. چۈنكى خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، تور ھۇجۇمى تېخنىكىسىغىمۇ ئالاھىدە مەبلەغ ئاجراتقان.  

ئۇ ئامېرىكانىڭ يېڭى گۈللەنگەن تېخنىكا جەھەتتە خىتاينىڭ ئالدىدا تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز دۆلەت خەۋپسىزلىكى نۇقتىسىدىن بۇ ئىشقا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئىنتېرنېت، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ئاتوم ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى دېگەنلەر قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ. تېخنىكا بىزنىڭ گىئو-سىياسىي ئورنىمىز ۋە ھوقۇقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر بىز تېخنىكىغا ھاكىم بولمىساق، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى خەتەرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا بىز خىتاينى بىر ياققا قايرىپ قويۇپلا قالماي، بەلكى ئىنتېرنېت ۋە يېڭى تېخنىكىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىمىز كېرەك». 

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرلىشىپ، تېخنىكىدا مۇتلەق ئالدىدا مېڭىپ، ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، شۇندىلا دۇنيانى خىتايدەك رەزىل كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، دۇنيا خەلقىگە تىنچلىق، ئامانلىق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈمىدى بەخش ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.