خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسى تاشقورغانغىمۇ كېڭەيمەكتە
2024.10.28
ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى بويىچە، تېرىقچىلىق مەيدانلىرىنى ئېچىش پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاشقورغانغىمۇ كېڭەيگەن. خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە نەچچە يىللىق تەتقىقات ئارقىلىق سىياسىي-جۇغراپىيەلىك داۋالغۇش ۋە ئالاھىدە ھاۋا شارائىتلىرىدىمۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان ئۈنۈملۈك تېرىلغۇ يەر بەرپا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاشقورغاندا شورلۇق تۇپراقنى ئۆزگەرتكەنلىكى، 1300 گېكتار (تەخمىنەن 3200 مو) شورلۇق زېمىننى ئۈنۈملۈك تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى، بولۇپمۇ كېيىنكى سەككىز يىلدا «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى»، «خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش» دېگەن ناملاردا تاشقورغاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىنى كۆچۈرۈپ، يېڭى ئاھالە نۇقتىلىرىغا يۆتكىگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىستراتېگىيەلىك ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى 2022-يىلدىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، يېڭى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېچىش ۋە بىر قىسىم پاختىزارلىقلارنى تېرىلغۇ يەرگە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ھامىيلىقىدىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىسى بويىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنىپ، خىتاي فېرمىلىرىنىڭ كۆلەملەشكەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا قوشۇپ بېرىلگەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خەۋىرىدە، تاشقورغاندىكى يېڭى ئۆزگەرتىلگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 85 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى ۋە ھەر گېكتار يەردىن 4500 كىلوگىرام ئوت-چۆپ ھوسۇلى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. خەۋەردە، بۇنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدە چارۋا ماللارنىڭ يەم خەشىكىگە بولغان بېسىمنى ئازايتىپ، تەبىئىي ئوتلاقنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ھالبۇكى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي نوپۇسىنىڭ شىددەتلىك ئارتىپ، شەھەر-بازارلىشىشىنىڭ تېز كېڭىيىشى، تېرىلغۇ قىلىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمىنىڭ ئازىيىشىنى ۋە تۇپراقنىڭ شورلىشىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.