خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكانىڭ شەخسىي تور بېكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 16-مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكىدا نورمال ئېچىلىدىغان تور بېكەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قوراللىرىنىمۇ كېرەكسىز قىلىپ قويىدىغان يېڭى بىر تېخنىكىنى كەشىپ قىلغان. ئۇلار بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئامېرىكادىكى ھۆكۈمەت ۋە شەخسىي تور بېكەتلىرىگە يوشۇرۇن كىرىپ، توردا مەشغۇلات قىلغۇچىلارنى كۆزىتەلەيدىكەن، ئەمما ئاسانلىقچە بايقالمايدىكەن.

گوگول مۇتەخەسسىسلىرى بىر يىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى بايقىغان بولۇپ، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تور بېكەتلىرىنىڭ ئارقا سۇپىسىغا ئەمەس، تور بىخەتەرلىكى يۇمشاق دېتاللىرىغا بۇزغۇنچىلىق سالغانلىقىنى ئېنىقلىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خاككېرلىرى بۇ يەردە ئىلگىرى ھېچكىم دىققەت قىلمىغان بىر يوچۇقنى، يەنى تور بېكەتلىرىنىڭ «قوغدىنىش تېمى» دېگەندەك بىخەتەرلىك قوراللىرىدىكى كەمچىلىكنى بىلىۋالغان. دېمەك، خىتاي خاككېرلىرى تور بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. بۇنداق تور ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەندە، ئادەتتىكى تور ئابونتلىرى مەسىلىنى بايقىغان بىلەن ئۇنى ھەل قىلالمايدىكەن؛ مۇتەخەسىسلەرنىڭمۇ ئۇنى تەكشۈرۈش ناھايىتى قىيىن بولىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينى تور جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قاراپ كەلگەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن پۇل بىلەن خاككېرلارنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەت، شىركەت ۋە شەخسىي تور بېكەتلىرىگە كىرىپ، سودا، تېخنىكا ۋە ھەربىي مەخپىيەتلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن؛ بەزى شىركەتلەرنىڭ تور سىستېمىسى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. خىتاي ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ، جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنى ئىشلەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.