خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ ئائىلىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.10.30

ئامېرىكانىڭ 2024-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا خىتاي خاككېرلىرىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىغا قىلغان ھۇجۇمى كۆپىيىپ كەتكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 29-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكانىڭ تېلېفون ئالاقە سىستېمىسىغا كىرىپ، سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئائىلىسى ۋە بايدىن ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى، دونالد ترامپنىڭ ئوغلى ئېرىك ترامپ (Erik Trump)، كۈيئوغلى جارىد كۇشنېر (Jared Kushner) قاتارلىقلار ھەمدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كۆپ سانلىق پارتىيە لىدېرى چاك شۇمېر (Chuck Schumer) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتلار ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغان.

«ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتى 6-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ «يەنتەي بورىنى» دەپ ئاتالغان بىر خاككېرلار گۇرۇپپىسى كەڭ بەلباغ تورىغا كىرىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك سىستېمىسىدىن ئۇچۇر ئوغرىلىغانىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى 29-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ترامپ ئائىلىسى بۇ خاككېرلىق ۋەقەسى ھەققىدە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. ئاقساراي ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى (CISA) مۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر قايتۇرمىغان. خىتاي بۇ خىل خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدا رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىمۇ بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.