خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ تېلېفونلىرىغا قول سوزغان
2024.10.29
ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى يېقىنلىشىۋاتقاندا، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىرى ئىشلىتىۋاتقان تېلېفونلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ كەتمەكچى بولۇشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
«فوكس» (Fox) خەۋەرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋە تور جاسۇسلۇقىغا قارشى ئورگانلار بىرلىكتە بۇ قىلمىشنى جىددىي تەكشۈرۈشنى باشلىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۈچ نەپەر خاككېر ئالدى بىلەن AT&T، Verizon قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ تور سىستېمىسىغا، ئاندىن بۇ ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ يانفونىغا كىرگەن. بۇنىڭدا سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بولۇشنى كۆزلەۋاتقان ج. د. ۋانېس، شۇنداقلا دېموكراتچىلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى كامالا خاررىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلىغان يانفونلار ھۇجۇم نىشانى بولغان. Verizon شىركىتىنىڭ باياناتچىسى رىچ ياڭ (Rich Young) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «يۈكسەك ماھارەتكە ئىگە دۆلەت ئارتىسلىرىنىڭ ئامېرىكا تېلېفون شىركەتلىرىنى نىشان قىلغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىمىز بار» دېگەن.
«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر «شور تايفۇن» (Salt Typhoon) دەپ نام قويغان بۇ گۇرۇپپىدىكى خاككېرلار ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ تېلېفونلىرىدىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ زادى قانچىلىك ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم بولۇپ، بۇ خىلدىكى شەخسىي يانفونلارغا كىرىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا خېلى ۋاقىت بولغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە. بولۇپمۇ نامزاتلارنىڭ تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىملەر بىلەن سۆزلەشكەنلىكى، كىملەر بىلەن قانچىلىك سۆزلەشكەنلىكى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيەتتە سايلامنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىگە بىۋاسىتە ياردەم بېرەلەيدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» ئۆزلىرىنىڭ Xبېتىدە بۇ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشقا بىۋاسىتە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.