خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدە چىرىكلىك نېفىت، تەبىئىي بايلىق ساھەسىدە ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
2014.10.31
خەلقئارا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە چىرىك ئەمەلدارلار نۇقتىلىق كان، نېفىت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئېنېرگىيە بايلىق ساھەسىگە كۆپرەك مەركەزلەشكەن.
مەزكۇر ئورگاننىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: شىنجاڭدىكى چېرىكلىك خاھىشى ئاساسلىق نېفىت قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىق ساھەسىگە مەركەزلەشكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چېرىكلىك بۇ ساھەدە بىر قەدەر ئېغىر بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، مەركىزى ھۆكۈمەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ۋە شىزاڭغا زور مىقداردا نامراتلىق ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ چېرىك ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىپ، يەرلىك خەلق بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئاساسەن بۇنىڭدىن ھېچقانداق نەپكە ئېرىشەلمىگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك چېرىك ئەمەلدارلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن ئاھالىلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەتلىك تۇرمۇش پۇلىغا ھەر خىل سىياسىي، دىنىي شەرتلەرنى قوشۇپ، ساقال قويغان، ھىجاب ئارتقان، ناماز ئوقۇغان، روزا تۇتقان، دېگەن سەۋەبلەر بىلەن تۆۋەن كاپالەتلىك تۇرمۇش پۇلىغا ئېھتىياجلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ پۇلىنى تۇتۇۋالغان. تۇتۇپ قېلىنغان بۇ پۇل ھەر خىل ناملاردا يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن ياكى باشقا ئىشلارغا خەجلىنىپ كەلگەن.









