خىتاي ئارمىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭى تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.08.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ئارمىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭى تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغان. مەزكۇر سىناقنىڭ ئامېرىكا – ھىندىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قوماندانلىق شىتابى يەر يۈزىدىن 4500 مېتىردىن ئېگىزلىكتە «يېڭى تىپلىق ئېگىزلىك يۈزى – ھاۋا بوشلۇقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا» سىنىقى قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا HQ-17A تىپلىق ھاۋا مۇداپىيەسىگە دائىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، ئۇ 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پاراتىدا تۇنجى قېتىم نامايەن قىلىنغان ئىكەن. ئۇ ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ساياھەت پاراخوتى قاتارلىق ھەر خىل نىشانلارنى توسىيالايدىكەن.

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پولكوۋنىكى يۆ گاڭ «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، «بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى خىتاي تەرەپنىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا – ھىندىستان بىرلەشمە مانېۋىرىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

پولكوۋنىك يۆ گاڭ سۆزىدە، «ئامېرىكا-ھىندىستان ئارمىيەسى بىرلەشمە مانېۋىر ئارقىلىق خىتاينىڭ دەرۋازىسىدا كۈچ كۆرسەتمەكچى. ئەمما بىر دۆلەت بولسۇن ياكى نۇرغۇن دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتىن قورقمايدۇ» دېگەن.

ھىندىستان تاراتقۇلىرى يېقىندا خەۋەر بېرىپ، بۇ يىل 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ھىندىستاننىڭ ئاۋلى ئېگىزلىكىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. مەزكۇر رايون ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن دەتالاشتىكى چېگرا رايونىغا 100 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان جاي بولۇپ، بۇ مانېۋىر دەل ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن قاتتىق جىددىيلەشكەن مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.