خىتايدا مال باھاسى ئەرزانلاپ پۇل قىممىتى ئېشىپ كېتىش خەۋپى كۈچەيتمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.09

نۆۋەتتە خىتاينىڭ نېگىزلىك پۇل پاخاللىقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن بولسىمۇ، خىتايدا ئىستېمالدىكى تۇرغۇنلۇق ماھىيەتتە مال باھاسىنىڭ ئەرزانلاپ پۇل قىممىتىنىڭ ئېشىپ كېتىش خەۋپىنى كۈچەيتكەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ئىستېمال تەلىپىدىكى تۇرغۇنلۇق خىتاينىڭ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش پىلانىغا بېسىم شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئائىلىلەرنى پۇل خەجلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 8-سېنتەبىر 2024-يىلى 8-ئايدىكى ھەر خىل يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئاران 0.3 پىرسەنت ئارتقانلىقى، كەڭ دائىرىدىكى ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئاران 0.6 پىرسەنت ئارتىپ، كۈتكەن نۇقتىغا يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇمات دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان خىتايدا ئىستېمال تەلىپىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن. شۇڭا بۇ ھال شىركەتلەرنىڭ كىرىمى، مائاش ۋە خىراجەتنىڭ ئازىيىشىدەك بۇ سەلبىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىش چاقىرىقلىرىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن. فىرانسىيەلىك ئىقتىسادشۇناس مىشېل لام (Mechelle Lam) «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە «پۇل قىممىتىنىڭ ئېشىپ كېتىش بېسىمى خىتايدا تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تەرەققىيات خىتايدا «مال باھاسى ۋە مائاشنىڭ تۆۋەنلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن» ئىكەن.

«بلمبېربېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادى دۆلەت ئىچى غەيرىي ساپ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى كۆرسەتكۈچى بويىچە 1999-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان مال باھاسى تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن. ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىش تەلىپىنىڭ ئاجىزلىقى توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختا سانائىتىگە ئوخشاش ساھەلەردە جىددىي مال باھاسى ئۇرۇشلىرىغا يول ئاچقان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئېشىشنى بەش پىرسەنتكە يەتكۈزۈش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى ئازايتماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.