خىتاي «تېررورلۇق تەھدىتى» نى دەپ، بېيجىڭ يەر ئاستى پويىز يولىدا «جادىلار بايرىمى» چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.10.31

خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بېيجىڭ يەر ئاستى پويىز يولىدا 31‏-ئۆكتەبىر «جادىلار بايرىمى» نى قۇتلۇقلاشنى، «تېررورچىلار» تەقلىد قىلىنغان جادىلار كىيىمىنى كىيىپ، بېيجىڭ يەر ئاستى پويىزىغا ئولتۇرۇشنى چەكلىگەن. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ دەرھال قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ، 5‏-نويابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن يولغا قويۇلغان ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭغا كىرىپ-چىقىرىشىنى كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما قاتنىشىدۇ. ئۇ خىتاي سەپىرىگە چىقىشتىن بۇرۇن 29‏-ئۆكتەبىر كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئوبامانى خىتايدىن لىيۇ شاۋبو، ئىلھام توختى، لىيۇ شيا، گاۋ جىشىڭ قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى ئوچۇق-ئاشكارا تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

خىتاي «شىنجىڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، يولۇچىلارنى ئالاقزادە قىلماسلىق ئۈچۈن، جادىلار كىيىمى ياكى «تېررورچىلار» تەقلىد قىلىنغان جادىلار كىيىمى كىيىپ، يەر ئاستىغا پويىز بېكىتىگە كىرىش چەكلەندى. رەت قىلغۇچىلار ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغۇچىلار دەرھال قولغا ئېلىنىدۇ، دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.