خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئارقىلىق ئۆز سىياسىتىنى تەشۋىق قىلماقتا
2023.05.25
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» غا كېلىپ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» لېكسىيەسى بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۈسۈپجان مەمەت زالدىكى ئوقۇغۇچىلارنى «20-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئارقىلىق ‹يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى› قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇش، شۇنداقلا «ئۇلۇغ دەۋردىن مىننەتدار بولۇش، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە مەھكەم ساقلاش» قا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر ۋاقىت «پارتىيە خاتىرجەم بولسۇن، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا مەن بار» دېيەلەيدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلغان.
شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان باشلاپ بارغان ئۆمەك «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى» («شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى») دا ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس لېكسىيە بەرگەن. لېكسىيەدە ئېلزات ئەخمەتجان ئوقۇغۇچىلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش»، شۇنداقلا «پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىش ۋە خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىش» قا دەۋەت قىلغان. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان سۆزىدە «پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تىكلەشكە بولىدۇ» دېگەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقتا باش بولۇپ تەكىتلىنىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش شوئارلارنىڭ لاگېرلاردىكى ئاساسلىق ئۆگىنىش تېمىسى ئىكەنلىكى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مەخسۇس كەلگۈسىدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنى قىلىشى نۆۋەتتە «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە بۇنىڭ باش تېما بولۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلغان.
ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇ خىلدىكى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسى» ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» 2022-يىلى ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان دوكلاتتا بۇ ھال نۇقتىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئاغزىدىن شىنجاڭ ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى بازارغا سالماقتا. بۇ ھال نۆۋەتتە بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ» دېيىلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا تەنقىد ئوبيېكتى بولۇۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تاللىۋېلىنغان «رەھبىرىي» كادىرلار ئارقىلىق ئۆز تەشۋىقاتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، يۇقىرىقى بايانلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.