ئامېرىكا يېشىللار پارتىيەسى پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا «ئىشەنمىدىم» دېيىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى
2024.10.28
ئامېرىكالىق دوختۇر، پائالىيەتچى، ئامېرىكا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ 2024-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمى نامزاتى جىل ستايىن (Jill Stein) نىڭ 25-ئۆكتەبىر كۈنى يوتۇب قانىلى «كىم ئىۋېرسون پروگراممىسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئىشەنمەيمەن» دېيىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قوزغىغان ھەم تەنقىدكە ئۇچرىغان. يېشىللار پارتىيەسى ئامېرىكادا ئىنتايىن چەكلىك ساندىكى ئاز بىر قىسىم سايلىغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سول پارتىيە بولسىمۇ، ئۇنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا «ئىشەنمىدىم» دېيىشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىد ئوبيېكتىغا ئايلانماقتا.
جىل ستايىن يەنە ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكى، بۇنى ئۇنىڭدىن ئاڭلاۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ئۇچۇر مەنبەلىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ «شۇڭا مەن ئۇ جايدا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە تەييار» دېگەن. جىل ستايىن بۇ يىل 16-ئاۋغۇستتا ئافرىقىلىق ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىدىن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى، رودالف باچ ۋېير III (Rudolf Butch Ware) نى ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتى، دەپ ئېلان قىلغان. جىل ستايىننىڭ قارىشىچە، خىتايدا بەزى جەھەتلەردە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوق ئىكەن.
جىل ستايىن مۇنداق دېگەن: «زور كۈچلەر كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلامدۇ-قىلمامدۇ، بۇنى بىلمەيمەن. مەن بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. بەلكىم، ئۇ جايدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشلار بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم.»
جىل ستايىن سۆزىدە خىتاينى تەنقىدلەشنى رەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زوراۋانلىق قىلغۇچى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ خىتاينىڭ 1979-يىلدىن بېرى ئۇرۇش قوزغاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ خىتاينى تەتقىق قىلىپ باقمىغانلىقىنىمۇ يوشۇرمىغان. ھالبۇكى، ئامېرىكالىق ئاپتور، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەچىسى لىز سىمىت X تىكى ئىنكاسىدا، جىل ستايىننى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇر تۇغماس قىلىش، جازا لاگېرلىرىغا قاماشتەك ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە زۇلمىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىغا ئاۋاز قوشتى» دەپ ئەيىبلىگەن.