خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئىنتىزامغا «ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.10.31

خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئادىل نۇرمەمەت ئىنتىزامغا «ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

مەزكۇر ئۇچۇر خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئادىلنىڭ زادى قانداق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئۇنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ياكى خىيانەتچىلىككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 22‏-ماي ئۈرۈمچىدىكى بىر ئەتىگەنلىك بازاردا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، سىياسىي، دىنىي مەسىلىلەردە مەيدانى ھۆكۈمەت بىلەن بىردەك بولمىغان ئۇيغۇر كادىرلارنى تازىلاشقا باشلىغان. بەزى كادىرلار «مەيدانى مۈجمەل» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.

خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورى ئادىلنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈنى، يەنى 30‏-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ «قانۇن كەچلىك گېزىتى» خەۋەر تارقىتىپ، خوتەن قاش تېشى باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلەپ كېتىشى ئەمەلدارلاردا ئېغىر «قاش تېشى چېرىكلىكى» پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق خەۋەردە، ئادىل نۇرمەمەتنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن «قاش تېشى چېرىكلىكى» نىڭ ئالاقىسى بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئادىل نۇرمەمەت 2009‏-يىلدىن بېرى خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.