خىتاي تاراتقۇلىرى چىقارغان بىر ۋىدىيودا خىتاينىڭ ياپونىيەگە يادرو قورال ھۇجۇمى قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.09.18

خىتاي ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان ۋە كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن بىر ۋىدىيودا، ئەگەر ياپونىيە تەيۋەننىڭ ئىشىغا ئارىلاشسا، خىتاينىڭ «ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم» قوزغاپ، يادرو قوراللىرى بىلەن ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئەنگلىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» (Sky News) تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 3 يىل بۇرۇن خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى، ئۇنى چوقۇم خىتاي بىلەن بىرلەشتۈرىدىغانلىقىنى، ئەگەر ياپونىيە تەيۋەننىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ قالسا، خىتاينىڭ «ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم» قوزغاپ، ياپونىيەنى يادرو قوراللىرى بىلەن ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

9 مىنۇتلۇق بۇ ۋىدىيودا، ياپونىيەگە ئاشكارا يوسۇندا يادرو قورالى تەھدىتى سېلىنغان بولۇپ، ياپونىيە خىتاينىڭ «يادرو قوراللىرى يوق دۆلەتكە يادرو قوراللىرى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتى» دىن مۇستەسنا بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان.

بۇ ۋىدىيودا خىتاي تەرەپ ئېنىق ھالدا، «بىز تەيۋەننى ‹ئازاد› قىلىشقا يۈرۈش قىلغاندا ئەگەر ياپونىيە قوراللىق ئارىلىشىشقا پېتىنىدىكەن، بىرەر كېمە، ئايروپىلان ياكى ئەسكەر چىقىرىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىپلا قالماي، بەلكى ياپونىيەگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىمىز. ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلىتىمىز، شۇ ئارقىلىق ياپونىيەنى ئىككىنچى قېتىم شەرتسىز تەسلىم قىلدۇرىمىز» دېيىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ۋىدىيونىڭ چىقىش سەۋەبى، ياپونىيەنىڭ 2021-يىل ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا تەيۋەننىڭ مۇقىملىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى ھەمدە ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تارو ئاسونىڭ «بىز ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايمىز» دېگەن سۆزى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.