ياۋروپا-خىتاي سودا ماجىراسى جىددىيلەشتى، خىتاي ياۋروپا كونياكلىرىنى تەكشۈرىدىغان بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.09

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئەرزان باھالىق خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپادا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىدىن كېيىن، خىتايمۇ ياۋروپانىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھاراق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بولغان. «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ 8-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قارارى BYD غا ئوخشاش دۆلەت ئىگىلىكىدىكى داڭلىق خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا خاتىمە بەرمەكچى بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئۆچ ئېلىش تەدبىرى ئىكەن. خەۋەردە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ رىقابەتتە كونياك قاتارلىق داڭلىق ياۋروپا ھاراق مەھسۇلاتلىرىنى نىشانغا ئېلىشىنىڭ ياۋروپا-خىتاي سودا ماجىراسىنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي BYD توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرى سېتىلىش جەھەتتە ئامېرىكا توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى تېسلانى بېسىپ چۈشكەن. ئامېرىكادىكى توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرى ئانالىزچىلىرى «بايلىق» ژۇرنىلىغا «نۆۋەتتە ھېچكىمنىڭ باھادا BYD بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈشكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن قالسا 2-چوڭ توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 11-ئايغىچە 1 مىليون 400 مىڭ ئاپتوموبىل سېتىلغان. خەۋەرلەردە، ۋولكىسۋاگېنغا ئوخشاش داڭلىق گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭمۇ، باھادا خىتاي بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىدە ئۇنىڭ ئاپتوموبىل باتارىيەلىرىنى ئىنتايىن ئەرزان باھادا ئىشلەپچىقىرىشى ھالقىلىق رول ئوينىماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، توكلۇق ئاپتوموبىل باتارىيەسىنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى بولغان لىتىي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. نۆۋەتتە، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر بازىرىدىكى يېڭى ماتېرىياللار سانائەت باغچىسىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ لىتىي ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.