يەكەندە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۈندىدارغا خەۋەر يوللىغان ئىككى كىشى تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.12.22


خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 20 - دېكابىر كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى ئىككى كىشىنى «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىتنە - ئىغۋا تارقاتتى» دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى كىشى ئۈندىدار ۋە كيۇ - كيۇ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «يېقىندا يەكەندە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەردى» دېگەن خەۋەرنى تارقاتقان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «تەڭرىتاغ تورى» غا بىلدۈرىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى كىشى خىتاي بولۇپ، ئۇلار قەشقەر ۋە قۇمۇلدا تۇرۇپ مەزكۇر خەۋەرنى تورغا يوللىغان ئىكەن.

مەلۇمكى، خىتاي تاراتقۇلىرى 28 - نويابىر كۈنى يەكەن ناھىيەسىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە رەسمىي خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتنى قاتتىق قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا خەۋەر يوللىغان يوقىرىقى ئىككى كىشىنى تۇتۇپ جازالىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ۋەقە - ھادىسىگە نىسبەتەن سەزگۈرلۈكىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.