«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-05-20
Share

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت كېلەر ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولىدىغان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل 19-ماي كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارالىق يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆز ئ‍ختىيارلىقى بىلەن مۇۋاپىق شەكىلدە ئەمگەك قىلىدىغان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەرقانداق شەكلى مەۋجۇت ئەمەس» ئىكەن.

بۇ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ قوشۇمچە ماركسىزم ئىنستىتۇتى مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان مەزكۇر مەسئۇلىنىڭ تۇنجى قېتىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلار تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىشى ئەمەس. ئۇ بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئاۋۋالمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلىغان. زۇلھايات ئىسمائىل 19-ماي ئۆتكۈزۈلگەن «شەرق-غەرب ئەقىل ئامبىرى: خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى» ناملىق سۆھبەت يىغىنىدا، «شىنجاڭ ئەزەلدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇۋاپىق ئەمگەك ئۇقۇمىنى ئاكتىپلىق بىلەن يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامە ۋە تەشەببۇسلىرىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ كەلدى……. ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئەركىن، باراۋەر، بىخەتەر ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى» دېگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ يىغىنغا 7 نەپەر ئاتاقلىق خىتاي ۋە چەتئەل تەتقىقاتچىسىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھالبۇكى، بۇ يىغىندا تەكلىپ قىلىنغان ئاتالمىش چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى جون رۇس John Ross خىتاي تەشۋىقات تېلېۋىزىيە قانىلى-CTGN نىڭ ئوبزورچىسى، ئاتالمىش يەنە بىر تەتقىقاتچى مايكېل بورشمان Micheal Borchman «خىتاي تور ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ ئوبزورچىسى ئىكەن. مايكېل بورشمان ئىلگىرى خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى باستۇرۇشىنى قوللاپ ماقالىلەرنى يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت