ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2024-12-03
ئامېرىكانىڭ كېلەر ئايدا ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بايدېن ھۆكۈمىتى 3-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۆزەك سانائىتىگە قارىتا ئۇزۇندىن بېرى مۇزاكىرە قىلىنىپ كەلگەن يېڭى ئېكسپورت كونترولى تەدبىرى ئېلان قىلغان.
2024-12-03
يېقىندا ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە بازارلىرىدا «ئىتالىيە مەھسۇلاتى» دەپ سېتىلىۋاتقان شوخلا (پەمىدۇر) قىياملىرىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «شىنجاڭ شوخلىسى» نىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى.
2024-12-02
تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى پەنلەر ئارا تەتقىقات مەركىزى «قېچىش يولى يوق: رەقەملىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن جىنسىيەتنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش» ناملىق مەزكۇر دوكلات تەييارلىغان.
2024-12-02
گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن ماشىنىسازلىق شىركىتىنىڭ بىر باياناتچىسى، 27-نويابىر مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى شاڭخەي لىنگاڭ گۇرۇھىغا تەۋە بىر شىركەتكە سېتىۋەتكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان
2024-12-02
بىز بۇ خىزمىتىمىزنى يېڭىلا باشلاپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا پەيدا قىلغان بۇ جاراھەتلەرنىڭ نەقەدەر يۈكسەك بىر دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق
2024-12-02
بۇ يىغىندا دىپلوماتىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتنى مەركەز قىلغانلىقى، ب د ت قۇرۇلغاندا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپى، ۋەكىلسىز مىللەتلەر ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا سەھنىسىدىكى مۇھىم تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدىن چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
2024-12-02
بىزنىڭ پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ھەر سورۇندا، بولۇپمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلدى
2024-12-02
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئانىسى خىتايدىن يولغا چىقىپ، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولغان
2024-12-02
ياپونىيەنىڭ كىيىم-كېچەك شىركىتى «يۇنىكلو» (Uniqlo) نىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى تاداشى يانايى 27-نويابىر كۈنى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يۇنىكلونىڭ «خىتاينىڭ غەربىي ئۆلكىسىدىن كەلگەن پاختىلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن
2024-12-02
BBC خەۋەر قانىلىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ بىر نەچچە تاللا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان «ئىتالىيە شوخلا (پەمىدۇر) قىيامى» نىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شوخلا مەھسۇلاتىنى مەنبە قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىققان.
2024-12-02
12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇملۇقنى تىزگىنلەش قانۇنى› نى يولغا قويۇش چارىسى» نى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان
2024-12-02
يېقىندىن بۇيان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قانداقتۇر ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA)نىڭ پىلانىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولماقتا.
2024-11-29
ئېچىلىش مۇراسىمىدا 20 ئۇيغۇر ئائىلىگە ئۆيلەرنىڭ ئاچقۇچلىرى تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، قالغان 12 ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تەدرىجىي تاپشۇرىدىكەن
2024-11-29
ئامېرىكا 3 خىتاي مەھبۇسنى خىتايغا، خىتاي 3 ئامېرىكا پۇقراسىنى ئامېرىكاغا قايتۇرغان. شۇنداقلا ھەر ئىككى دۆلەت بۇ ئادەملەرنى خاتا ھالدا تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلغان
2024-11-29
مەزكۇر ئۆمەك تۈركىيەدە «ھەقىقىي شىنجاڭغا كۆپ تەرەپتىن نەزەر سېلىش» تېمىسىدا تەشۋىقات-تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، تۈركىيە مارامارا فوندى جەمئىيىتى ۋە «ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار» بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن